Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 10:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇلار ئورداڭغا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 10:6
11 Referans Kwoze  

سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭگە چىۋىنلار توپىنى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنلارغا تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىنلار قاپلايدۇ.


نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى.


ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.


ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.


شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ.


قەتئىي يول قويمايمەن! ئەگەر سىلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭلار ئىبادەت قىلىشقا بېرىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەرلەرلا بارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.


شۇنداق قىلىپ، چاقماقلار چېقىلىپ، يوغان-يوغان مۆلدۈرلەر يەرگە تۆكۈلۈپ چۈشتى. بۇ مىسىر تارىخىدا ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۆلدۈر ئاپىتى ئىدى.


ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.


شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن، مىسىر تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق مۆلدۈر يىغىپ باقمىغاندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite