5 چېكەتكىلەر زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان زىرائەتلەرنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ.
ياش چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى، ئۇلاردىن قالغىنىنى يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىن قالغىنىنى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىنمۇ قالغىنىنى تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.
پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېتىلگەن چېكەتكىلەر، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر، تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر ۋە ياش چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.
ئەگەر يول قويمىساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىنىڭدا چېكەتكە ئاپىتى پەيدا قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: _ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.
پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە نەرسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە شاختىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.