Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 10:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مىسىرنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاپلىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 10:22
13 Referans Kwoze  

زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.


بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى.


تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.


قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.


ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.


يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى.


سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى.


لېكىن كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشتى، پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.


مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.


ئۇلار كۈندۈزى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، چۈشلۈكى خۇددى كېچىدەك تىمىسقىلايدۇ.


ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.


مەن سېنى يوقاتقاندا، ئاسماننى يېپىپ، نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى. بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى، چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.


توسىمەن كۆكتە پارلىغان بارلىق نۇرنى، قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرىمەن زېمىنىڭنى، ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite