20 لېكىن پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى يەنىلا جاھىللاشتۇرغانىدى.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: _ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ.
مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىدى.
لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.
دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پىرئەۋن خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب شامىلىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىرمۇ چېكەتكە قالمىدى.
پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى.
ماڭا مەلۇمكى، مىسىر پادىشاھىنى قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن پىرئەۋننىڭ يېنىغا يەنە بارغىن. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. مەقسىتىم كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقىگە نامايان قىلىشتۇر.