19 پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب شامىلىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىرمۇ چېكەتكە قالمىدى.
شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار قىزىل دېڭىزدىن قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق، ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن مىسىرلىقلار ئۇشبۇ دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، سۇ ئۇلارنى غەرق قىلدى.
ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
لېكىن پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى يەنىلا جاھىللاشتۇرغانىدى.
ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك، چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك.