17 ئەمدى يەنە بىر قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن: «مىسىرلىقلارنى بۇ ئەجەللىك ئاپەتتىن قۇتقۇزغايسەن» دەپ دۇئا قىلغايسىلەر، _ دېدى.
پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.
مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى.
خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان.
قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.
شىمون ئۇلارغا: - مەن ئۈچۈن خۇدادىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! - دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.
ئاندىن شورپا كىشىلەرگە ئۇسۇپ بېرىلدى. ئۇلار شورپىنى ئىچىپلا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، قازاندا زەھەر بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىشىپ، شورپىنى ئىچمىدى.
سىزدىن ئۆتۈنەي، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتسىڭىز، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى.
پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.
پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر.
سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.
خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا جامائەت ئۈچۈن دۇئا قىلدى.