13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قولىدىكى تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى.
شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.
بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.
مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.
خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى، يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى.
مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.
ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا، ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا.
چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار.