9 ئۇ مىسىرلىقلارغا: _ قاراڭلار، ئىسرائىللار بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، كۈچىيىپ كەتتى!
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟
پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن، ھۆكۈمدارنىڭ ھالاكىتى پۇقراسىنىڭ يوق بولۇشىدىن.
مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟
ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت.
كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا: _ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.
خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.
سىلەر بۇ يەردىكى ئىسرائىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماستىن، ئۇلارنى ئىشتىن توختاتماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ _ دېدى.