22 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە: _ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.
بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى.
چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.
چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.
شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار، ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.
_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟
ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى.
مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.