20-21 شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى.
گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ.
ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.
كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى. چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى.
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.
خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى، تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى.
مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى دەپ، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىگە ھەتتا بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ.
نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.
شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.
ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.
لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ،
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.
ئۇلار: _ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.