17 لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى.
پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!
كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ.
تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.
ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.
ئۇلار پادىشاھقا يەنە: _ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.
ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.
گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا. ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا، جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا.
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا: _ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن.
ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشتۇر. نەپرەتلىنىمەن تەكەببۇرلۇق، مەنمەنلىك، يامان يول، يالغان سۆزدىن.
بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم.
چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»
ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.
شۇڭا پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
ئاندىن ئۇ ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇردى. ئۇلار داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ماڭا ئېيتمىدى! سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى.
لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى.
بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى.