Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 1:11
21 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىبرام، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ ئەلدىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئازاب چېكىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،


يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى.


مىسىرلىقلار بىزگە زۇلۇم سېلىپ، خارلىدى، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى.


بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى.


غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟


ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.


بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.


ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور شەھىرىنى ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.


شۇنداقلا ئامبار سېلىش، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەممە يەرلەردە نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدى.)


شۇڭا بۇ ئىش باشلىرى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ جانابى ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟


مىسىرلىقلار ئۇلارنى لاي ئېتىش، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.


مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا: _ پىرئەۋن بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار،


پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى.


«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!


لېكىن ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ!


«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite