Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەڭ ياخشىسى بىز تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. ناۋادا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 1:10
13 Referans Kwoze  

بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى.


ئەگەر ئۇلار:«كەل، بىزگە قوشۇل، تۇزاق قۇرايلى جان ئېلىشقا، بىرەر بىگۇناھنى سەۋەبسىزلا پايلاپ تۇرايلى تۇتۇشقا.


شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار، ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.


يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.


ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى.


ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.


بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە.


ئۇ ئەقىللىقلارنى ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ، مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ.


ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite