ئەستىر 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى رەئىسلەر، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى.
شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى.