23 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىغان بايراملىرىنى داۋاملاشتۇردى.
بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، يەنى ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامون يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلاپ، «پۇر» (چەك) تاشلاش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى.