Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 9:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 9:22
24 Referans Kwoze  

ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.


ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە،


شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى.


شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.


قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.


ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.


يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.


ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز».


ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرىنى بايرام كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.


شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىغان بايراملىرىنى داۋاملاشتۇردى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار.


كەپە تىكىش ھېيتىدا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايدا يەتتە كۈننى كەپىدە ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ھوسۇلۇڭلارنى مول، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، سىلەرنى خۇشال قىلىدۇ.


شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا، ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا.


ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.


ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،


ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite