21 ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرىنى بايرام كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
بۇ ۋەقە ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يۈز بەردى. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى.
سۇزادىكى يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادار ئېيىنىڭ 13-، 14-كۈنلىرى جەم بولدى. شۇڭا ئۇلار 15-كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى.
موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئۇ پۈتۈن ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا پەرمان چۈشۈرۈپ،
بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى.
ئابىخايىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىر يەھۇدىي موردىكاي بىلەن بىرگە خۇددى موردىكاي بۇرۇن چۈشۈرگەن پەرمانغا ئوخشاش پەرمان چۈشۈرۈپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى.
پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.
ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى.