ئەستىر 9:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا قاراشلىق پۈتۈن ئۆلكىلەردە يىغىلىشتى. ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېچقايسىسى قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. Gade chapit la |
پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى.