19 شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى.
پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى ھەم بايرام قىلىشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
كەپە تىكىش ھېيتىدا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار.
ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.
كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى.
ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز».
موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئۇ پۈتۈن ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا پەرمان چۈشۈرۈپ،
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار.