Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 9:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 9:15
10 Referans Kwoze  

پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارمۇ جانلىرىنى ساقلاش ۋە دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان 75 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.


ئەستىر: _ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ھەمدە ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئون ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خادىغا سانجىتقايلا، _ دېدى.


يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا قاراشلىق پۈتۈن ئۆلكىلەردە يىغىلىشتى. ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېچقايسىسى قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى.


پادىشاھ خانىش ئەستىرگە: _ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ ئەمدى يەنى نېمىنى ئىلتىماس قىلىسەن؟ ئىلتىماسىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ تەلىپىڭ ئورۇندىلىدۇ، _ دېدى.


پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite