14 پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى.
ئەستىر: _ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ھەمدە ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئون ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خادىغا سانجىتقايلا، _ دېدى.
ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.
بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»
پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خالىغانلىرى سىلى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.
پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى بولغان خاربونا: _ ھامون ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى سانجىش ئۈچۈن ياساتقان 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. _ ئۇنىڭغا ھاموننىڭ ئۆزىنىلا سانجىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ.
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.
يامانلار ۋەيران قىلىنىپ يوقىلار، ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.
بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.
ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.