Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەستىر: _ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ھەمدە ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئون ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خادىغا سانجىتقايلا، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 9:13
7 Referans Kwoze  

پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى.


جەسەت دەرەختە كېچىچە تۇرۇپ قالمىسۇن. ئۇنى چوقۇم شۇ كۈنىلا دەپنە قىلىۋېتىڭلار. دەرەخكە ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغاندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇلغىماڭلار.


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.


داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.


شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.


پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite