Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەمدى سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە مېنىڭ نامىمدا خالىغىنىڭلارچە پەرمان يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بىلەن مۆھۈرلەڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەنگەن ھەرقانداق پەرمان بىكار قىلىنمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 8:8
9 Referans Kwoze  

ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.


شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى.


پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرگەيلا. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ.


_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.


شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.


بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚


موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ پەرماننى پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلىدى ۋە ئۇنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite