Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 8:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 8:5
9 Referans Kwoze  

ئەستىر: _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا، خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغايلا.


پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى.


ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.


ئۇ ماڭا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن بىرگە قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ئىجازەت بەرگىن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى.


ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.


بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننى بارلىق ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئەمەلگە قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite