ئەستىر 8:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى. Gade chapit la |
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.
پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.