Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 8:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۇ پەرمان ھەرقايسى ئۆلكىلەردە قانۇنىي ھۆججەت سۈپىتىدە جاكارلىنىپ، ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار شۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 8:13
9 Referans Kwoze  

ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


شۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ھەممە كىشىلەرنىڭ تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرماننىڭ مەزمۇنى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلققە ئېلان قىلىنماقچى بولدى.


بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟


شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا، ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.»


شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.


چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite