12 بۇ پەرمان پۈتۈن ئۆلكىلەردە 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى، يەنى يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى ئوخشاش ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى.
12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.