Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى بولغان خاربونا: _ ھامون ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى سانجىش ئۈچۈن ياساتقان 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. _ ئۇنىڭغا ھاموننىڭ ئۆزىنىلا سانجىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 7:9
20 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى.


كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى، يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى


رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا، مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما.


تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.


پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن».


ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.


لېكىن پادىشاھ بۇ سۇيىقەستنى بىلگەندىن كېيىن، پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاموننىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خادىغا سانجىتتى.


ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاموننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى.


تەزكىرىنىڭ موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلدى. بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان دېگەن يېرىگە كەلگەندە،


ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى.


يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ: _ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ، زادى كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ _ دېدى. ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.


پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى: _ ھامون يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، خادىغا سانجىتتىم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم.


پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite