Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 7:7
14 Referans Kwoze  

شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.


لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى.


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.


سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.


باش ئېگەر يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا، رەزىللەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا.


بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.


ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.


_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟


ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا قەتئىي زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولىدۇ.


ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈللۈكىدە يەتتە كۈن زىياپەت بەردى.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى، شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى.


ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى، بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite