5 پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىردىن: _ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى كىم ئىكەن، ئۇ قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.
پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟
خۇدا رەزىل كىشىلەرنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا يول قويغان، سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرالماس قىلىپ قويغان. بۇنى خۇدا قىلمىغان بولسا يەنە كىم قىلدى؟
ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى: _ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى.
چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.
ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.