Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 7:4
18 Referans Kwoze  

ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 345 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى.


پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا ھەرگىز قايتىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سىلەرنى كېمە بىلەن مىسىرغا قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئۆزۈڭلارنى دۈشمىنىڭلارغا قۇللۇققا ساتماقچى بولساڭلارمۇ، لېكىن ھېچكىم سىلەرنى ئالمايدۇ.


پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.


پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار دۇرۇس ئادەملەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، كەمبەغەللەرنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىشتى.


يېرۇسالېمنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، يۇنانلىقلارغا ساتتىڭلار.


ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.


باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ قېنىمىز بىر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇللۇققا بەرمەسلىكىمىزگە چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۆزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى» دېيىشتى.


ئەمدى سەن يېنىمدا قالغىن، قورقمىغىن. مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالىدۇ. سەن مېنىڭ يېنىمدا ئامان-ئېسەن تۇرىسەن، _ دېدى.


سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.


لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،


پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىردىن: _ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى كىم ئىكەن، ئۇ قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى.


لېكىن پادىشاھ بۇ سۇيىقەستنى بىلگەندىن كېيىن، پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاموننىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خادىغا سانجىتتى.


ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite