7-8 ئۇ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە ئۆزى كىيگەن شاھانە لىباسىنى، ئۆزى مىنگەن تاجىلىق ئېتىنى كەلتۈرسۇن.
ھامون شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ: _ قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ! _ دەپ جار سالدى.
ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباسنى كىيدۈرۈپ ۋە ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ!» دەپ جار سالسۇن، _ دېدى.
ھامون كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھ بىرسىگە ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولسا، نېمە قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. ھامون ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر؟» دەپ ئويلىدى.