5 خاس خىزمەتكارلار پادىشاھقا: _ ھويلىدا ھامون تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. _ ئۇ كىرسۇن! _ دېدى پادىشاھ.
_ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى.
ھامون كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھ بىرسىگە ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولسا، نېمە قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. ھامون ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر؟» دەپ ئويلىدى.