Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 _ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 6:4
12 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى.


مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.


مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن، ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن.


ئۇ ئەقىللىقلارنى ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ، مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ.


پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى بولغان خاربونا: _ ھامون ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى سانجىش ئۈچۈن ياساتقان 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. _ ئۇنىڭغا ھاموننىڭ ئۆزىنىلا سانجىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ.


پادىشاھ: _ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭغا قانداق ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى: _ ئۇ ھېچقانداق تەقدىرلەنمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


خاس خىزمەتكارلار پادىشاھقا: _ ھويلىدا ھامون تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. _ ئۇ كىرسۇن! _ دېدى پادىشاھ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite