Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 6:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پادىشاھ: _ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭغا قانداق ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى: _ ئۇ ھېچقانداق تەقدىرلەنمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 6:3
12 Referans Kwoze  

ئەمما بۇ شەھەردە نامرات، لېكىن دانا بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.


لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.


شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى. ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.


مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ ۋارقىراپ، سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلىدۇ ۋە بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى بولىدۇ.


داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرسە، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى. مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرۈپ، لەشكەر بېشى بولدى.


تەزكىرىنىڭ موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلدى. بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان دېگەن يېرىگە كەلگەندە،


_ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite