Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ھامون ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئايالى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىگە بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئايالى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سەن موردىكايدىن يېڭىلىشكە باشلىدىڭ. موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسەن. سەن چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نابۇت بولىسەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 6:13
16 Referans Kwoze  

قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن.


بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى.


«بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن، يامان تەسەللىلىرىڭلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.


جاپا ۋە ئازاب ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ، خۇددى ھۇجۇم قىلماقچى بولغان پادىشاھقا ئوخشاش، ئۇلارغا قورقۇنچ سالىدۇ.


غوجىدار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.


ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»


قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.


«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»


مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite