Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 6:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھامون شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ: _ قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ! _ دەپ جار سالدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 6:11
9 Referans Kwoze  

تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.


پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى.


موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.


شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، پادىشاھ دارىئوسنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى. ھامون بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite