Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 6:10
7 Referans Kwoze  

ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ


چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى.


ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباسنى كىيدۈرۈپ ۋە ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ!» دەپ جار سالسۇن، _ دېدى.


ھامون شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ: _ قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ! _ دەپ جار سالدى.


ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite