Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 4:5
10 Referans Kwoze  

چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.


خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.


لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى.


كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى، يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى


ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار.


ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتەملىك كىيىمىنى سېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى.


شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى.


ھاتاك قايتىپ كېلىپ، موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى.


ئەستىر ھاتاكنى يەنە ئەۋەتىپ: _ موردىكايغا بۇ گەپلەرنى يەتكۈز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite