Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 4:3
20 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم.


مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟


شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»


بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتقا، قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسۇن» دەپتۇ.


پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.


ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.


_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.


شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى.


تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.


ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى.


ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە ماتەملىك كىيىم كىيگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى.


ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتەملىك كىيىمىنى سېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى.


پەرماندا يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستىر يەھۇدىيلارنىڭ پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلەنگەن كۈندە داۋاملىق ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، قارىلىق تۇتۇش قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.


ئايۇپ قولىغا ساپال پارچىسىنى ئېلىپ، گۇلاختا بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى قاشلاپ ئولتۇراتتى.


ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.


نىنەۋى پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite