ئەستىر 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟ Gade chapit la |
ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»