Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 4:11
9 Referans Kwoze  

ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى، ئەستىر ئورنىدىن تۇرۇپ:


كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى يەنە بىر ھەرەمخانىغا ئەۋەتىلىپ، توقاللارنى باشقۇرىدىغان ھەرەمئاغىسى شائاشغازغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. پەقەت پادىشاھقا ياققان ۋە ئىسمى ئاتالغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى.


_ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى.


ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.


ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.


ئەستىر ھاتاكنى يەنە ئەۋەتىپ: _ موردىكايغا بۇ گەپلەرنى يەتكۈز.


ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite