Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 345 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 3:9
7 Referans Kwoze  

ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى.


پادىشاھ ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا مىليونلىغان كۈمۈش تەڭگە قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ.


ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامونغا بەردى.


موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى. شۇنداقلا ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەنىڭ خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ھەدىيە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى دېدى.


چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.


بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite