Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھامون موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 3:5
13 Referans Kwoze  

شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.


ھامون زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.


تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار.


پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ھاموننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن موردىكاي ئېگىلىپ تەزىم قىلمايتتى.


قاتتىق قەھرلىك كىشى ئۆزىگە جازا ئەكېلەر، قۇتقۇزساڭ ئۇنى بىر قېتىم، يەنە قۇتقۇزماق كېلەر.


تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى.


ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت.


لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى.


ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: _ مەن يەھۇدىي، ھامونغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاموننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى.


ئۇ بولسىمۇ نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىپ، دانا بايلارنىڭ پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر.


رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite