14 شۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ھەممە كىشىلەرنىڭ تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرماننىڭ مەزمۇنى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلققە ئېلان قىلىنماقچى بولدى.
موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى.