Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 3:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 3:13
14 Referans Kwoze  

چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.


ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


«ئۇلار ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە،


خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە، كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا، بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم.


چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.


ئۇ يەنە روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالىچاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ پۈتۈن كىشىلەرنى قىرىپ تاشلىدى ھەتتا كالا، ئېشەك ۋە قويلارنىمۇ ئۆلتۈردى.


_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.


12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.


شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite