ئەستىر 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى. Gade chapit la |
ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە. _ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، _ دېدى پادىشاھ.