ئەستىر 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى. Gade chapit la |
لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن.
شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى.