1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننى بارلىق ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئەمەلگە قويدى.
ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ، تېرىلغان ئۇرۇقلارغا سۇ مول بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگتىن بۈيۈكتۇر، پادىشاھلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامونغا بەردى.
سامۇئىل: _ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.
مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ.
پۇقرا شادلىنار ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، نالە-پەرياد كۆتۈرەر رەزىللەر ھۆكۈم سۈرسە.
تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار، غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.
ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى توختىتىشنى يېلىنىپ سورىدى.
ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.
كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكان قاتارلىق ئاقىللار ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.
مەن يەتتە مەسلىھەتچىم بىلەن بىرلىكتە سىلىنىڭ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە قايتقانلارنىڭ قوللىرىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇيمىز.
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.
ئاخىرى مىسىردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. خەلق پىرئەۋنگە يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پىرئەۋن ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى.
ئۇ بولسىمۇ نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىپ، دانا بايلارنىڭ پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر.