Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:9
12 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.


لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،


رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئون ئىككى ئاي، يەنى ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە مايلار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.


سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى.


خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى.


بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.


ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.


ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن.


ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.


پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى.


پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite